يەمەندە دۆلەت ئارمىيەسى ئىستىراتېگىيەلىك بىر جاينى قولغا كىرگۈزدى

يەمەندە دۆلەت ئارمىيەسى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەل بەياد تاغ تىزمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلدى.

1035355
يەمەندە دۆلەت ئارمىيەسى ئىستىراتېگىيەلىك بىر جاينى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ ئەل بەيدا شەھىرىدە شىئە ھۇسىيلار بىلەن توقۇنۇشقان يەمەن ئارمىيەسى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەل بەياد تاغ تىزمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلدى.

بەيھان لىنىيەسى قوماندانى ئو فېستىر ئابدۇلۋاھاب بىھەيببىھنىڭ يەمەن ئارمىيەسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:« بەيھان لىنىيەسىدىكى يەمەن ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا كەسكىن توقۇنۇشلاردىن كېيىن مەلاجىم ناھىيەسىدىكى بەياد تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۆپىلىكلىرىنى تىزگىنى ئاستىغا ئالدى.»

بەياد تاغ تىزمىلىرىنىڭ قالغان قىسمىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كونترول قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ توقۇنۇشلاردا شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىدىن 26 ئادەم ئۆلۈپ ئونلارچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ماددىي زىيان كېلىپ چىققانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەمەن ئارمىيەسى تۈنۈگۈن مەجالىم ناھىيەسىنىڭ ھەممىسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بەيدا ۋىلايىتى شىئە ھۇسىيلارنىڭ كونتروللىقىدا تۇرۇۋاتقان پايتەخت سەنئا بولۇپ 8 ۋىلايەتنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە ۋىلايەتتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر