ئىران ئىراققا توك ئېكسپورت قىلىشنى قايتىدىن باشلايدۇ

ئىران دائىرلىرى ئىراققا توك ئېكسپورت قىلىشنى قايتا باشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1034824
ئىران ئىراققا توك ئېكسپورت قىلىشنى قايتىدىن باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئېنېرگىيە مىنىستىرى رىزا ئەردەكانىيان ئىراق ئېلېكتىر مىنىستىرلىقىغا ئىراقنىڭ ئېشىپ قالغان قەرزىنى تۆلىشى ۋە توك ئېكسپورت قىلىشنى قايتا باشلاش ئۈچۈن ھەيئەت ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىرانلىق ئىشچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىلنانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەردەكانىيان، ئىراققا توك ئېكسپورت قىلىش توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

ئىراق بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە توك ئېكسپورتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئەردەكانىيان، ئىراقنىڭ ئېشىپ قالغان قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردەكانىيان ئۆتكەن ئاي ئىراندىكى ئېنېرگىيە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ئىراققا ئوخشاش قوشنا دۆلەتلەرگە ئېنېرگىيە ئېكسپورتىنى توختىتىۋەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ ئىراقنى توك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويۇشى سەۋەبىدىن، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى نېفىت زاپىسى مول بولغان باسرا ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەردە توك توختاپ كەتتى.

بۇ ئەھۋال تېمپېراتۇراسى 50گىرادۇس بولغان رايوندا خەلقنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولدى.

ئىشسىزلىق مەسىلىسى تۈپەيلى باشلاپ توك توختاپ كېتىش بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن نامايىشلار باسرا، مۇسەننا، زىكار، مەيسان ۋە نەجەفتىن كېيىنلا 14-ئىيۇلدا باغدادقا كېڭەيدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل-ئىبادى بۇ ۋەقەلەر تۈپەيلى ئېلېكتىر مىنىستىرى قاسىم ئەل-فەھداۋىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر