ئىران تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1030571
ئىران تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قارشى يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قاسىمى: تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقى تاشقى دۇنيانىڭ ھەر قانداق بېسىمىغا تاقابىل تۇرالايدۇ، دېدى.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختالغان قاسىمى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ ياخشى دوست دۆلەتلەردىن بولالايدىغانلىقىنى ئېيتقان قاسىمى: مىللەتلەرنىڭ ئىرادىسىنى زوراۋانلىق ۋە تەھدىتلەر بىلەن بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ، دېدى.

قاسىمى ئىرانغا قوشنا بولغان باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىراننىڭ ئۆزلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلىپ قېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر