ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسى قۇرىدۇ

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس: «ئالەمدە مەۋجۇد بولۇشىمىز يېتەرلىك ئەمەس، ئالەمدە ھاكىمىيەت تىكلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسى قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) دا ئالەم ئارمىيەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2020-يىللىق نىشانلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن سەل قارالغان ئالەمنىڭ تالاش-تارتىش قوزغىغان ۋە قىستاڭچىلىق بىر ھالغا كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ ئالەمدىكى ئۈستۈنلۈكىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ھەربىي كۈچىنى ئوتتۇرىغا چىققان تەھدىتلەرگە قارشى تېز سۈرئەتتە ماسلاشقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «ئارمىيەمىزنىڭ تارىخىدا كېيىنكى دەۋرنىڭ چوڭ قىسمىنى يېزىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى. كېيىنكى ئۇرۇش مەيدانىغا تەييارلىنىش، دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە قارىتىلغان يېڭى ئەۋلاد تەھدىتلەرنى يىڭىش ھەمدە يوقىتىش ئۈچۈن ئامېرىكانى ئەڭ ياخشى جەسۇر ۋەزىپىلەرگە چاقىرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى. ئامېرىكانىڭ ئالەم ئارمىيەسىنى قۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى» دېدى.

ئۇ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىيۇن ئېيىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش يوليورۇقىنى چۈشۈرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «پىرېزىدېنتنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش، ئامېرىكانىڭ ئالەمدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىلا يېتەرلىك ئەمەس، بەلكى ئالەمدە ھاكىمىيەت تىكلىشىمىز كېرەك، بۇنى قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئالەم ئارمىيەسى قۇرۇش مەسىلىسىدە كونگرەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئارمىيەنىڭ، ھاۋا، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، دېڭىز پىيادە قىسىملىرى ۋە ساھىل بىخەتەرلىكى قوماندانلىق ئىشتابىدىن كېيىن، ئالتىنچى قوماندانلىق مەركىزىي بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالەم ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيە دوكلاتىنى تەييارلىغانلىقلىرىدىن بېشارەت بېرىپ: «ھۆكۈمىتىمىز ئالەم ئارمىيەسىنى 2020-يىلىغىچە قۇرۇپ چىقىش نىشانى بىلەن، بۇ تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن يېقىن ۋاقىت ئىچىدە قەدەم تاشلايدۇ» دېدى.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنس كونگرەنىڭ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئالەم تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن 8 مىليارد دوللار قوشۇمچە فوند ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا نۇرغۇن يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللار ۋە ئاپپاراتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ ئالەمدىكى ئۈستۈنلۈكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ خىتاينىڭ 2007-يىلى ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئالەم قوراللىرىدىكى تەرەققىي قىلغان ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى پونكىتلىرى ۋە سۈنئىي ھەمراھلارغا زىيان سالالايدىغان لازېر نۇر سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئايروپىلاندىن ئالەمدىكى سۈنئىي ھەمراھلارنى ئېتىپ چۈشۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى لايىھەلەۋاتقانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقىنىدەك، دۈشمەنلىرىمىز ئالەمنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇردى، ئامېرىكا بۇ ھەيۋىلەردىن كەينىگە چېكىنمەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىيۇن ئېيىدا ئېچىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا، ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ئالتىنچى قوماندانلىق مەركىزىي سۈپىتىدە «ئالەم ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى» قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر