لاجاك تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 72 – نۆۋەتلىك باشلىقى مىروسلاۋ لاجاك تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

لاجاك تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقى باياناتچىسى برېندېن ۋارما كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەلۇمات بېرىپ، لاجاكنىڭ 13 – ئاۋغۇستتا بۇ يىل 10 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغان باش ئەلچىلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋارما، لاجاكنىڭ ب د ت سىستېمىسى، ئىسلاھات مۇساپىسى ۋە ئومۇمىي كېڭەش باشلىقى سۈپىتىدە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىدىغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن بېرىلىدىغان چۈشلۈك زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر