بىرما ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئائۇڭ سان سۇئۇ چىئىنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بىرمانى سوتلاش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

بىرما ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ، بىرمادىكى 700 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى يۈزىسىدىن باڭلادېشقا قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايى قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشكە تۇتۇش قىلىشىنى قاتتىق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئەيىبلىدى.

بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئائۇڭ سان سۇئۇ چىئىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گوللاندىيەدىكى مەھكىمىنىڭ، ئەزا دۆلەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرمانى سوتلاش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ يۈز مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننى باڭلادېشقا قېچىشقا مەجبۇرلىغان سەۋەبلەرنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىشقا رەسمىي يوسۇندا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، بۇ ھەقتە سوتلاش سالاھىيىتىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى «مۇۋازىنەتسىز ۋە ئەستايىدىل قارالماسلىقى كېرەك بولغان» بىر ئەھۋالدۇر، دېيىلدى.

بىرما ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى، رىم سالاھىيىتىگە تەرەپ ئەمەس دۆلەت بىرما ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇپەتتىشى فاتوئۇ بېنسودا، ئاپرېل ئېيىدا بىرمادىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاچقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ باڭلادېشقا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش سالاھىيىتى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، بىرما ھۆكۈمىتىگە، مەزكۇر تەلەپكە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن 2018 – يىلى 27 – ئىيۇلغىچە مۆھلەت بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر