ئامېرىكىنىڭ ئىران ئېمبارگوسى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 07:00 ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بۈگۈن ئەتىگەن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 07:00 دىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

1027240
ئامېرىكىنىڭ ئىران ئېمبارگوسى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 07:00 ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بۈگۈن ئەتىگەن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 07:00 دىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

نېفىت سودىسىغا ئالاقىدار چەكلىمىلەر نويابىر ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدۇ.

ئىراننىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىشىنى، دۆلەت زايومى سېتىشىنى، ئالتۇن ۋە باشقا قىممەت باھالىق كان مەھسۇلاتلىرى بىلەن پولات، ئاليۇمىن، كۆمۈر دېگەندەك مېتاللار بىلەن سودا قىلىشىنى ۋە يولۇچىلار ئايروپىلانى ياكى سايمانلىرىنى ئىمپورت قىلىشىنى مەنئى قىلىشنى مەزمۇن قىلغان جازا پىلانى ۋاشىنگتون ۋاقتى 00:00، تۈركىيە ۋاقتى 07:00 دىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ ئىراننىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چارە – تەدبىرلەر، قولدا ئىشلەنگەن گىلەم ۋە شام (دەمەشىق) ياڭىقىغا ئوخشاش يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىشىمۇ ئېمبارگو قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

ئىران ئەمگەك ئىشلىرى مىنىستىرى ئەلى رەبىئى، «ئېمبارگولار يۈزىسىدىن 1 مىليونغا يېقىن ئىرانلىقنىڭ ئىشسىز قېلىش ئېھتىمالى بار» لىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا تاشلىغان بۇ قەدىمىنىڭ ئىرانغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا دائىرىلىرى، ئېمبارگولارنىڭ ئىران بىلەن سودا قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئېمبارگولار ئۈچىنچى دۆلەتلەرگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئېمبارگولار تۈپەيلى ئۇچرىغان زىيانلىرىغا تۆلەم بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى 20 ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتلەردىن كېيىن، 2015 – يىلى ئىيۇلدا ئۈستەلنىڭ بىر تەرىپىدە ئىران، يەنە بىر تەرىپىدە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى (ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، فىرانسىيە، رۇسىيە) ۋە گېرمانىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ئولتۇرغان ھالدا ئىمزالانغانىدى.

كېلىشىم، تېھراننىڭ يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشى بەدىلىگە بۇ دۆلەتكە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلاتتى. بىراق، ماي ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشنى قارار قىلىشى بىلەن، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىرانغا ئېمبارگولارنىڭ 90 ۋە 180 كۈنلۈك ئىككى باسقۇچ بويىچە قايتىدىن يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر