ترامپنىڭ شىللىسىگە مىنىۋالغان يۈك

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ شىللىسىگە مىنىۋالغان ئىنجىلزم يۈكى ۋە تۈركىيە.

ترامپنىڭ شىللىسىگە مىنىۋالغان يۈك

ترامپنىڭ شىللىسىگە مىنىۋالغان يۈك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكىلىق راھىب ئاندرېۋ برۇنسوننىڭ تۈركىيەدە نەزەربەد ئاستىدا تۇتۇلۇشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن مايك پېنسنىڭ تۈركىيەگە تەھدىت سېلىشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئىنجىلزم ھەقىقىتىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئىنجىلغا ئەگەشكۈچى لوبىسى ۋە بۇ لوبىنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسەتكەن ئەكس سادالىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ئامېرىكىلىق راھىب ئاندرېۋ برۇنسون فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى نامىدىن جىنايەت سادىر قىلىش ۋە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 2016 – يىلدىن بۇيان تۇتقۇن ھالەتتە سوتلىنىۋاتاتتى. يېقىندا ئاندرېۋ برۇنسوننىڭ تۇتقۇنلۇق ھالىتى ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن نەزەربەند جازاسىغا ئۆزگەرتىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرى تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش بىلەن تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. ئالدى بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، كېيىنچە پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاندرېۋ برۇنسون قويۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، تۈركىيەگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق بايانات ئېلان  قىلدى.

ئەسلىدە ئاندرېۋ برۇنسون ئىنجىلگە ئىنشەنگۈچى بىر مىسسىيونېردۇر. جۈملىدىن، ئاندرېۋ برۇنسوننىڭ ۋەقەسى سىياسىي بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېئولوگىيەلىك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى سىياسەتلىرىنى  سايلامدا قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىنجىلىزىم تەرەپدارلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.

ئىنجىلىستلەر (جامائەتچىلىك ئارىسىدا ئادەتتە خىرىستىيان سىيونىستلار دەپ ئاتىلىدۇ) مايك پېنس ۋە ئاقسارايدىكى باشقا ئەزالىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى ئىچىدە كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە.

 سانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 20 مىليونغا يەتكەن ۋە 100 مىليوندەك كىشىگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بولغان ئىنجىلىستلەر ئالدىنقى يىللاردا تېرروتېرىيەسىنى كېڭەيتكەن بىر ئىسرائىلىيەنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن مىليونلارچە دوللار سەرپ قىلدى.

رۇسىيە، ئېپىيوپىيە ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى مىليونلارچە يەھۇدىينىڭ ئىسرائىلىيەگە كۆچۈشىگە ياردەم بەردى.

ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن تېرروتېرىيەسىدە يېڭى يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش ۋە كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن مىليونلارچە دوللار ئىئانە قىلدى.

ئالدىنقى يىلى دان ھۇممېلنىڭ «‹ Washington Post› گېزىتى» دە بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويغانلىرى تولىمۇ مەنىلىكتۇر. ھۇممېلنىڭ قارىشىچە، «پېنس ئىشلەتكەن تىل ئاقساراينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئىشلەتكەن تارىخىي ئىزچىللىقنى نامايەن قىلىدىغان تىلدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.»

پېنس ئىنجىلىستلەر «تەۋراتتا بايان قىلىنغان بىر  بېشارەت» دەپ قارايدىغان ئىشلارغا ترامپنى قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىرلا كىشى ئەمەس. چۈنكى، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىچىدە تەسىر كۈچى زور ئىنجىلىستلەر بار.

ئىسرائىلىيەدىكى رادىكال سىيونىستلار بىلەن ئىنجىلىستلەرگە نىسبەتەن ھالقىلىق مەسىلە 1 – ۋە 2 – يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا ئائىت خارابىلىكلەرنىڭ ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئۈچىنچى جايى بولغان مەسجىدى ئەقسانىڭ ئاستىدا قالغانلىقى دەۋاسىدۇر.

ئىنجىلىستلەر «يېڭى ئىبادەتخانىنىڭ بۇ قەدىمكى خارابىلىكلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقى» غا ئىشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇنىڭ تەۋراتتىكى بېشارەتنىڭ ئىشقا ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغان ھامان ئىسا ئەلەيھىسسالام دۇنياغا قايتىدۇ.

ئىنجىلىستلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق «مەسىھ (ئىسا ئەلەيھىسسالام) نى چاقىرىپ، ئارماگېددوندىكى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دەپ ئويلايدۇ.  شۇڭا ئۇلار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىدىنمۇ ھەمىشە شۇنداق تەلەپلەردە بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىسا ئەلەيھىسسالام كېلىپ ھەممە ئىشنى ئوڭشايدۇ، دەججالنى ۋە رۇسلارمۇ بىر پارچىسى بولغان ۋەھشىي بەدىۋىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن دۇنيانىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە مىڭ يىل بويىچە مولچىلىق ۋە بەخت – سائادەت ئىچىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ.

ئىنجىلىستلەرنىڭ ئېتىقادىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھادىسىلەردىن بۇرۇن تەۋراتتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا توغرا كېلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يەر يۈزىگە قايتىدىن قەدەم تەشرىپ قىلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، قەدىمكى ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭىدىن بىرلىشىشىگە، ھەمدە يەر يۈزىنى باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان كاپىرلاردىن تازىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ بىمەنە ۋە ساراڭلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئىنجىلىستلەرنىڭ كۈچى، مايك پېنس ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا زور دەرىجىدە  تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ترامپ سېپى ئۆزىدىن ئىنجىلىست بولمىسىمۇ، «قوللىغۇچىلرىم» دەپ قارىغانلىقتىن، ئىنجىلىستلەرنى رازى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىراق، ياردەمچىسى مايك پېنس سېپى ئۆزىدىن ئىنجىلىستتۇر، راھىب ئاندرېۋ برۇنسونمۇ سېپى ئۆزىدىن ئىنجىلىست بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. ترامپ بولسا بولۇپمۇ سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاندرېۋ برۇنسوننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن  كۈرەش قىلماقتا.

بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ 24 – ئىيۇندىن كېيىن بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىي ئۇچرىشىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پىرېزىدېنت ترامپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خالايدىكەن. بىراق ترامپنىڭ ئەتراپىدا نوپۇزى ناھايىتى كۈچلۈك ئىنجىلىست – نېئوكون (يېڭى مۇھاپىزىكارلار) دىن ئىبارەت چەمبەر بار. ئۇلار پۇرسەت تاپسىلا ترامپنىڭ ئەردوغان بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا توسالغۇ بولۇشقا تىرىشماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاندرېۋ برۇنسون ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى يىللاردا كۆپلىگەن ساھەلەردە پەردە ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان كىرىزىسلەر ھەممىگە ئايان. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچىسىزلىك ۋە دىپلوماتىك كىرىزىس تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

بۇ نۇقتىدا دىققەت قوزغايدىغان باشقا بىر تەپسىلات بولسا، ترامپنىڭ باياناتىنىڭ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بىرازىلىيە – رۇسىيە – ھىندىستان – خىتاي – جەنۇبىي ئافرىقا (كېسەك ئالتۇن) دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشش ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنىشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپنىڭ شۇنداق باياناتنى ئېلان قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئامىلنىڭ، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراقنىڭ خىتاي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيەگە 3.6 مىليارد دوللارلىق كىرېدىت بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ.

ھازىرقى ۋەزىيەت ئاستىدا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى باسقۇچلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشى قىيىن ئەمەس. چۈنكى بۇ يول قازاسىمۇ ئەمەس.

 لېكىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ داۋاملىق تەھدىت تىلىنى ئىشلىتىشى، تۈركىيەدە 2003 – يىلى 4 – ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن سۇلايمانىيە ۋەقەسىدىن بۇيان بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئامېرىكىنى ئۆچ كۆرۈش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارغىچە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستىگە مىنىۋالغان ئىنجىلزم يۈكى ۋە بېسىمنى كونتىرول ئاستىدا تۇتۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رايوندىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر