ئەربىل شەھىرىدە كىملىكى نامەلۇم 3 كىشى ۋالىي مەھكىمىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى
ۋالىي مەھكىمىسى بىناسىنىڭ ئەتراپىدا ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
1017428
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۇرۇن ئالغان ئەربىل شەھىرىدە ۋالىي مەھكىمىسى بىناسىغا كىملىكى نامەلۇم 3 كىشى قوراللىق ھۇجۇم قىلدى.
ۋالىي مەھكىمىسى بىناسىنىڭ قوغدۇغىچىسىنى ئېتىپ يارىدار قىلغاندىن كېيىن، ئىچىگە بېسىپ كىرگەن ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بىنادا ئىشلەۋاتقان خادىملارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بىنا ئەتراپىدا ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.