گىرېتسىيە تېررورچىنى باغرىغا باستى

گىرېتسىيە پاناھلىق ئىشلىرى كومىتېتى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى TKP/ML-TIKKO  ئەزاسى بىر تېررورچىغا سىياسىي پاناھلىق بەردى.

1016758
گىرېتسىيە تېررورچىنى باغرىغا باستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى مەزكۇر تېررورچىنىڭ ماي ئېيىدا سۇنغان پاناھلىق ئىلتىمسىنى رەت قىلغان ۋە تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى. گىرېتسىيە پاناھلىق ئىشلىرى كومىتېتى بولسا مەزكۇر تېررورچىغا «سىياسىي پاناھلىق» بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.

گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ستاۋروس كونتونىس ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر تېررورچى توغرۇلۇق ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىش ئۈچۈن پاناھلىق ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ تېررورچىنىڭ ئىلتىماسىغا بېرىدىغان جاۋابىنى كۈتىدىغانلىىقىنى ئېيتقانىدى.

فېۋرال ئېيىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيە چېگراسىدىن ئۆتكەندە تۇتۇلۇپ قالغان تېررورچى ئۈستىدىن  خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى مەزكۇر «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر