رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانى ئەيىبلىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا رۇسىيە پۇقراسى مارىيا بۇتىنانىڭ ئامېرىكادا جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغانلىقىغا قارىتا: "سىياسىي زاكاس" دېدى.

1015397
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاھاروۋا مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۈنتەرتىپ ھەققىدە توختالدى.

ئۇ بۇتىنانىڭ تۇتۇلغانلىقىدىن ئەندىشە ھېس قىلغانلىقلىرىنى، بۇ ۋەقەنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 16-ئىيۇلدىكى فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكى ئۇچرىشىشىدىن كېىنلا يۈز بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ: "بۇ ۋەقەدە، مەلۇم كىشىلەرنىڭ خېلسىنكى ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان پىلانغا ئاساسەن مارىيا بۇتىنانى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندەك تەسىرات بار" دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، "رۇسلارغا ئۆچمەنلىك قىىلش" ھېسسىياتى بىلەن يېڭى سېنارىيەلەرنىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان زاھاروۋا: "ئامېرىكادا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولغان جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئوچۇق-ئاشكارا سىياسىي زاكاسلارنى  ئورۇنلىماقتا" دېدى.

مارىيا بۇتىنا ئىسىملىك رۇسىيە پۇقراسى 17-ئىيۇل رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ئامېرىكا پۇقرالىرى بىلەن مەخپىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۇتۇلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇتىنانى بىۋاستە ھالدا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر