مادۇرو: دۇنيا لوڭقىسىنى ئافرىقا ئالدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو، 2018 – يىللىق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى ئالغان فىرانسىيە مىللىي پۇتبول كوماندىسىدىكى پۇتبولچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئافرىقىلىق كۆچمەنلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مادۇرو: دۇنيا لوڭقىسىنى ئافرىقا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت نېكولاس مادۇرو ۋېنېزۇئېلادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، «دۇنيا لوڭقىسىنى فىرانسىيە كوماندىسى ئالدى، بىراق، ئۇلار بىر ئافرىقا كوماندىسىغا ئوخشايتتى. ئەسلىدە ئافرىقا غەلىبە قىلدى، ئۇلار فىرانسىيەگە بېرىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئافرىقىلىق كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر» دېدى.

«ياۋروپانىڭ سىگنالنى چۈشەنگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن نېكولاس مادۇرو سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياۋروپالىقلارنى ئافرىقىلىقلارغا قارشى ئىرقچىلىق، كۆچمەنلەرگە قارىتا ئايرىمچىلىق قىلىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

«ئافرىقىنى داۋاملىق تۆۋەن كۆرۈشتى، بولاڭ – تالاڭ قىلىشتى. نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسىغا كەلگەندە، فىرانسىيە چېمپىيونلۇقنى ئافرىلىق پۇتبولچىلار سايىسىدا قولغا كەلتۈردى» دېگەن مادۇرو، 2018 – يىللىق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىمۇ ئۇتۇقلۇق خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر