ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ بىردىن بىر سودا چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋېتىدىغان بولدى

قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە تەخمىنەن 2 مىليون پەلەستىنلىك ياشايدىغان بولۇپ، 7 چېگرا ئېغىزىدىن 6 سى ئىسرائىلىيەنىڭ، 1 سى مىسىرنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.

1013942
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ بىردىن بىر سودا چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋېتىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق غەززەگە مەھسۇلات كىرىگۈزۈش كېڭىشى باشلىقى رائىد فۇتۇھ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۈگۈندىن ئېتىبارەن چېگرا ئېغىزىنى ئىككىنچى بۇيرۇق كەلگەنگە قەدەر پۈتۈنلەي تاقايدىغانلىقى ھەققىدە بىزگە مەلۇمات سۇندى» دېدى. 

رائىد فۇتۇھ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا ئېغىزىدىن پەقەت دورا كىرىشىگىلا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى «ھاماس»مۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قارارى پەلەستىن خەلقىگە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر» دېدى ھەمدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ ھەق ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. 

مىسىرمۇ غەززە لىنىيەسىدىكى رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى بۈگۈندىن باشلاپ تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە قورشاۋى سەۋەبىدىن غەززەنىڭ دۇنياغا ئېچىلىدىغان بىردىن بىر چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان رەفاھ چېگرا ئېغىزى، مىسىردىكى 2013 - يىلى 3ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن كۆپ قېتىم تاقىلىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى.

تەخمىنەن 2 مىليون پەلەستىنلىك ياشايدىغان قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەنىڭ 7 چېگرا ئېغىزىدىن 6 سى ئىسرائىلىيەنىڭ، 1 سى مىسىرنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىنىڭ كىرىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان كارارە چېگرا ئېغىزىنى 2005يىلى، قالغان 3 چېگرا ئېغىزلىرىنى 2007يىلى غەززەنى قورشاۋغا ئېلىش باشلانغاندا تاقاپ قويغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرىپ چىقىشى ئۈچۈن كەرىم ئەبۇ سالىم ئېغىزىنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ كىرىپ چىقىشى ئۈچۈن بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلماقتا ئىدى.

ئىسرائىلىيە سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرىپ چىقىش ئېغىزىنى جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرىدىن باشقا يەنە، يەھۇدىي بايراملىرىدىمۇ تاقاپ قويغاندىن سىرت، بەزىدە ئۆزلىرى خالىغانچە تاقىۋېلىپمۇ كەلمەكتە.

ئىسرائىلىيە بۇ چېگرا ئېغىزىدىن بارلىق سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇسخەت قىلمايدۇ، بەلكى قايسى مەھسۇلاتنىڭ، قانچىلىك مىقداردا ئۆتىشىگىمۇ چەكلىمە قويىدۇ. بولۇپمۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ كىرىشىنى قەتئىي چەكلەيدۇ.

كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان مەھسۇلاتلار بولسا، مىقدارى جەھەتتىكى چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماي كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر