ئىبادى: خەلقنىڭ ھۆكۈمەتتىن ھەق - ھوقۇقلىرىنى ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار

ئىراقنىڭ جەنۇبىدا بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا 5 نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان 190 كىشى يارىدار بولدى.

1013807
ئىبادى: خەلقنىڭ ھۆكۈمەتتىن ھەق - ھوقۇقلىرىنى ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پارلامېنتىغا قاراشلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇستەقىل ئالىي كومېسسارلىقى ئەزاسى فادىل ئەل غاراۋى دۆلەت مۇلازىمىتىنىڭ يېتەرسىزلىكى، چىرىكلىك ۋە ئېلېكتىر ئۈزۈلۈپ قىلىش ۋەقەلىرىگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار ئۈستىدە توختىلىپ، «ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەتتە داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا 5 نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 128 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىنى قوشقاندا، جەمئىي 190 كىشى يارىدار بولدى» دېدى.

غاراۋى كىشىلىك ھوقۇق مۇستەقىل ئالىي كومېسسارلىقىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلىۋاتقان باشقا ۋىلايەتلەردىمۇ ئىستاتىستېكىلىق خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋلاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نامايىشلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى ھەققىدە ئەتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئاخبارات ئېلان قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراقنىڭ بىردىن بىر كىرىم مەنبەسى بولغان خام نېفىت ئېكسپورت سودىسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى ئىشقا ئاشۇرىۋاتقان جەنۇپتىكى بەسرا ۋىلايىتىدە، 8ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى باشلانغان نامايىشلار، زىكار، بابىل، مەيسەن، دىۋانىيە، نەجەف ۋە ئاخىرىدا پايتەخت باغداتقىچە كېڭەيگەن ئىدى.

نامايىشلاردا تۈرمۈش شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلاپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىرگە، سۇ ۋە ئېلېكتىر مۇلازىمەتلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەر، ئىشسىزلىق ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى چىرىكلىكلەرگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈلمەكتە. 

باش مىنىستىر ھەيدەر ئەل ئىبادى خەلقنىڭ دۆلەت مۇلازىمەتلىرىنىڭ ياخىشىلاپ بېرىلىشىنى ۋە ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ بولسا، بۇ تەلەپلەرنى قامداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

 باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باش مىنىستىر ئىبادىنىڭ   پايتەخت باغداتتىكى ھاشدى شابىنىڭ بازىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى، خەلقنىڭ دۆلەت مۇلازىمەتلىرىنىڭ ياخىشىلاپ بېرىلىشىنى ۋە ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بۇ تەلەبلەرنى قامداش، تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلەنگەن تەلەپلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش ۋە سۇيىئىستېمال قىلغانلارنى بولسا، يېتىم قالدۇرۇشتۇر» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىبادى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى زەپەرگە ئېرىشكەن ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ دۆلەت ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرى ۋە بىناكارلىق سەپەرۋەرلىكلىرىگىمۇ تۆھپە قوشۇدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر