ياپونىيەدە كەلكۈن سەۋەبلىك قازا قىلغانلارنىڭ سانى 200دىن ئاشتى

ياپونىيەنىڭ خىروشىما، ئوكاياما ۋە ئېخىمە قاتارلىق شەھەرلىرىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 200دىن ئاشتى.

1013376
ياپونىيەدە كەلكۈن سەۋەبلىك قازا قىلغانلارنىڭ سانى 200دىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلار ئېغىرلاشماقتا.

ياپونىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان رايونلاردا شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 200دىن ئاشتى.

70مىڭدىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش خادىمى ۋەزىپە ئۆتىگەن خىروشىما، ئوكاياما ۋە ئېخىمە قاتارلىق شەھەرلەر كەلكۈن سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ ئادەم قازا قىلغان شەھەرلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئاپەتتە يوقاپ كەتكەن 60دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىروشىمادىن قالسا  بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئوكاياما ۋە ئېخىمە قاتارلىق شەھەلەرمۇ ئۇچرىدى.

ياپونىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 93مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشتە قىيىنچىلىق كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياپونىيە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى 6700دىن ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇپ بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر