ترامپ بىلەن پۇتىن ئاخىرى كۆرۈشتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدە كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇزۇندىن بۇيان تۆت كۆز بىلەن كۈتۈلىۋاتقان ئۇچرىشىش ئۈچۈن فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدە كۆرۈشتى.
پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۇچراشقان ئىككى رەھبەر موسكۋا-ۋاشىنگىتون مۇناسىۋەتلىرىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بوسۇغىسىغا كەلتۈرۈپ قويغان مەسىلىلەرنى تۇنجى قېتىم تەپسلىي مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتى.
دونالد ترامپ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش توغرۇلۇق توختىلىپ: ياخشى ئىشلار بولىدۇ، يامان ئىشلار بولمايدۇ، دېدى.
بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئىقتىسادىي ئېمبارگولار، سۈرىيە مەسىلىسى، ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا رۇسىيەنىڭ ئارىلىشىشى توغرۇلۇق پەيدا بولغان قاراشلار بولۇپ نۇرغۇن مەسىلىلەر بار.
دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش مەسىلىسىنى ئىزچىل كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ھەر قېتىم مەسىلە چىقىپ ھازىرغىچە كېچىپ كەلدى.
ترامپ بۈگۈن ئەتىگەندە تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقىدەك ناچار سەۋىيەگە كېلىپ قېلىشىغا بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن: ناتو بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن
ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى
نىگېرىيەنىڭ دېلتا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى.