ئىسرائىلىيە «ئەركىنلىك پاراخوتى» دىن قولغا ئالغان 7 كىشىنى قويۇپ بەردى

ئىسرائىلىيە قامالنى بىاكار قىلىش ئۈچۈن «ئەركىنلىك پاراخوتى 2» بىلەن غەززە پورتىدىن يولغا چىققان گۇرۇپپىدىن قولغا ئالغان 7 كىشىنى قويۇپ بەردى.

ئىسرائىلىيە «ئەركىنلىك پاراخوتى» دىن قولغا ئالغان 7 كىشىنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى قامالنى بىكار قىلىش مىللىي ھەرىكەتنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى رائىد ئەبۇ زەير «ئەركىنلىك پاراخوتى 2» نىڭ كاپىتانى ۋە ياردەمچىسىنىڭ سىرتىدىكى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

قويۇپ بېرىلگەن 7 كىشىنىڭ بەيت خانۇن چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، غەززەگە كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن زەير، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى پاراخوتنىڭ كاپىتانى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا چاقىردى.

غەززەدە قامال ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر گۇرۇپپا پەلەسىتنلىك «ئەركىنلىك پاراخوتى 2» بىلەن بۈگۈن ئەتىگەن غەززە پورتىدىن دېڭىزغا سەپەر قىلىپ، قامالنى بىكار قىلىشنى نىشان قىلغانىدى. ئىسرائىلىيە كۈچلىرى مۇداخىلە قىلمىسا، پاراخوتنىڭ جەنۇبىي قىبرىس پورتىغا يېتىپ بېرىشى پىلانلىنىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر