ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىغا سەرپ قىلىنغان چىقىم ئېنىق بولدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئارىسىدا بۇ يىل 12-ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشقا سەرپ قىلىنغان چىقىم ئېنىق بولدى.

999242
ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىغا سەرپ قىلىنغان چىقىم ئېنىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئارىسىدا بۇ يىل 12-ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشقا 16 مىليون 300مىڭ دوللارنىڭ سەرپ قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.   

سىنگاپۇر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىغىلا 16 مىليون 300 مىڭ دوللار سەرپ قىلىنغانلىقىنى، بۇ چىقىمنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بىخەتەرلىككە ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.  

سىنگاپۇر ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىمۇ ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىغا تەخمىنەن 4 مىليون دوللارلىق مېديا چىقىمى كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سىنگاپۇر باش مىنىستىرى ھىسېيىن لوڭ، ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىغا سىنگاپۇر ھۆكۈمىتىنىڭ 20  مىليون دوللار سەرپ  قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر