ياۋروپانىڭ پ ك ك نىڭ ئارقا سەپ بازىسىغا ئايلانغانلىقى دەلىللەندى

ياۋروپا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياۋروپادىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى دەللىلەپ بەردى.

996643
ياۋروپانىڭ پ ك ك نىڭ ئارقا سەپ بازىسىغا ئايلانغانلىقى دەلىللەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ساقچى ئىدارىسى – يورۇپولنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقى 2018 - يىللىق تېررورىزم ئەھۋالى ۋە يۆنىلىشى» ناملىق دوكلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى كوردلاردىن توقۇنۇشنى بۇ يەرلەرگە كېڭەيتىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكلاتتا، «پ ك ك، ياۋروپادىن قورالغا ئېرىشىش ۋە ئەزا توپلاشنىڭ ئارقا سېپى سۈپىتىدە پايدىلانماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

پ ك ك نىڭ پائالىيەتلىرىگە مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن سىستېمىلىق شۇنداقلا مەجبۇرىي يوسۇندا ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقياسىدا غەللە توپلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، تەشكىلاتنىڭ بۇ مەقسەتتە ياۋروپادا پاراۋان شىركەتلەرنى قۇرغانلىقى قەيت قىلىندى. دوكلاتتا يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ماددىي پايدا يارىتىش ئۈچۈن جىنايى قىلمىشلارغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

پ ك ك نىڭ فىرانسىيەدە «كومالېن جىۋان» ناملىق بىر شىركەت ئارقىلىق ياشلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا جەلپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، «تەشكىلاتقا ئەزا بولغان ياشلار، پ ك ك نىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئائىلىلىرىدىن يىراق جايلاردىكى <مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرى> غا يوللانماقتا. ئۇنىڭدىن كېيىن ياشلارغا ئەرمېنىيە، ئىران ۋە ئىراقتىكى ھەربىي لاگېرلاردا ئۇرۇش تاكتىكىلىرى ئۆگىتىلمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

دوكلاتتا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەدە پ ك ك ئەزالىرىنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، تېررورنى مالىيە بىلەن تەمىنلەش، پۇل ئاقلاش ۋە تەشكىلاتقا ئەزا توپلاش قاتارلىق 8 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا تارتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 8 كىشىنىڭ تېررورچىلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، پ ك ك نىڭ 2017 – يىلى 6 مىليون ياۋروغا يېقىن پۇل توپلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا يەنە، تۈركىيە ۋە ياۋروپادا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى DHKP-C نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدە پەقەت ۋەقە پەيدا قىلمىغانلىقى، بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەردە تۈركىيەدىكى ھەرىكەتلەرگە مالىيە ۋە ئارقا سەپ ياردىمى قىلىدىغان بىر تور شەكىللەندۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر