F-35 پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇلىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) ئىككى دانە F-35 ئايروپىلانىنىڭ، پەيشەنبە (21-ئىيۇن) كۈنى تېكساس ئىشتاتىنىڭ فورت ۋورس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا تۈركىيەگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

995710
F-35 پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مايك ئەنجىرۇس 21-ئىيۇن فورت ۋورس شەھىرىدە تۈركىيە ئۈچۈن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە ئايروپىلانلار دەسلەپتە ئارىزونادىكى لۇكې ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەلىك ئۇچقۇچىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرىش ئىشلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى مايك ئەنجىرۇس كېڭەش پالاتاسىنىڭ تۈركىيەگە F-35 ئايروپىلانىنى سېتىشىنى توڭلىتىش قارارى ئۈستىدە ھەر قانداق پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "تۈركىيە ناتونىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ۋە 2002-يىلدىن بۇيان F-35 پىروگراممىسىنىڭ خەلقئارادىكى قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى" دېدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پىرېزىدېنت ترامپ تەستىقلىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر