لىۋانلىق دىنىي ئالىمنىڭ ئىيوردانىيەدە نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

لىۋانلىق دىنىي ئالىم شۇنداقلا لىۋان مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇل ۋاھھاب ئەل جابىرىنىڭ 18 كۈندىن بۇيان ئىيوردانىيەدە نازارەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لىۋانلىق دىنىي ئالىمنىڭ ئىيوردانىيەدە نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەلىرى دىنىي ئالىم شۇنداقلا لىۋان مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇل ۋاھھاب ئەل جابىرى بىلەن دادىسى مۇھەممەد ئەل جابىرىنىڭ 18 كۈندىن بۇيان نازارەتتە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 

لىۋانلىق ئابدۇل ۋاھھاب ئەل جابىرىنىڭ ئىيوردانىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ۋە نازارەتتە تۇرۇش مەزگىلىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، دادىسىنىڭ بولسا، قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن قويۇپ برىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

نازارەتكە ئېلىنىشىغا قارىتا جامائەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار بىر تەكشۈرۈش بولۇۋاتقانلىقى سەۋەب كۆرسىتىلدى، بىراق تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر