جەنۇبىي كورېيە دەتالاشلىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

جەنۇبىي كورېيە دېڭىز ئارمىيەسى، شەرقىي دېڭىز (ياپونىيە دېڭىزى) دىكى دەتالاشلىق رايونلاردا 2 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى.

جەنۇبىي كورېيە دەتالاشلىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى، جەنۇبىي كورېيە دوكدو، ياپونىيە تاكېشىما، دەپ ئاتاپ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان دەتالاشلىق رايونلاردا 2 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى،  مانېۋىرغا 6 ئۇرۇش پاراخوتى ۋە 7 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جەنۇبىي كورېيەنىڭ مەزكۇر ئاراللاردا مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە 11 يىلدىن بۇيان جەنۇبىي كورېيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر