ترامپ داڭلىق ئارتىس دې نىروغا ئېغىر گەپلەرنى قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق ئارتىس روبېرت دې نىروغا ئېغىر گەپلەرنى قىلدى.

ترامپ داڭلىق ئارتىس دې نىروغا ئېغىر گەپلەرنى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ئۆزىگە ھاقارەت قىلغان روبېرت دې نىروغا ئېغىر گەپلەرنى قىلدى.

سىنگاپۇردىن ئامېرىكىغا قايتىش سەپىرىدە تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يازغان ترامپ مۇنداق دېدى: «ئەقلىي سەۋىيەسى تولىمۇ تۆۋەن بولغان روبېرت دې نىرو فىلىملەردە ھەققىي بوكسچىلاردىن كاللىسىغا كۆپ مۇشت يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ، تۈنۈگۈن كەچتە ئۇ قاتناشقان پىروگراممىنى كۆردۈم، ئۇ خۇدىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. قارىغاندا، ئىقتىسادىمىز ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرىمىزنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن، شۇنداقلا نۇرغۇن ئامېرىكا شىركىتىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋىرى يوق ئوخشايدۇ.»

ئالدىنقى كۈنى 72-تونى مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش پىروگراممىسىغا قاتناشقان روبېرت دې نىرو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا نەق مەيداندا ھاقارەت قىلغاندا، پىروگراممىغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپ قىسمى دې نىرونىڭ سۆزىنى ئالقىشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر