دونالد ترامپ خىتاينىڭ «ZTE» شىركىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە شەرتلىك ھالدا قايتىدىن يول قويدىغان بولدى

دېموكراتچىلار دونالد ترامپنىڭ خىتاي شىركىتىنىڭ قايتىدىن پائالىيەت باشلىيالىىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى.

دونالد ترامپ خىتاينىڭ «ZTE» شىركىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە شەرتلىك ھالدا قايتىدىن يول قويدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئېلېكتىرون ۋە تېلېفون ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركىتى «ZTE» گە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي شىركىتىنىڭ قايتىدىن پائالىيەت باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دونالد ترامپ تىۋىتتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ZTE» شىركىتى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى جەھەتتە خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

دېموكراتچىلار خىتاي شىركىتىنىڭ قايتىدىن پائالىيەت باشلىيالىىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى.

دۇنالد ترامپ دېموكراتچىلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەنقىد قىلىپ، ئارقىمۇ - ئارقىدىن ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرلىدا مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

«پالاتا ئەزاسى چۇك سىچۇمېر ۋە ئوباما ھۆكۈمىتى «ZTE» شىركىتىنىڭ زورىيىشىغا ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرى بولماستىن يول قويۇشقان ئىدى. مەن بولسام دەسلەپتە بۇ شىركەتتى تاقاتتىم. ئەمدىلىكتە قايتا ئېچىلىشىدا بولسا، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرى، شىركەتنىڭ باشقۇرۇلىشى ۋە نىزامنىمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، بارلىق مەھسۇلاتلىرىدا چوقۇم ئامېرىكا ئۈسكىنىسى ئىشلىتىشنى مەجبۇر ھالغا كەلتۈرۈش ۋە 1 مىليارد 300 مىليون دوللار جەرىمانە تۆلەش شەرتى بىلەن رۇخسەت قىلدىم. دېموكراتچىلار شىكايەت قىلىش ۋە مەنئىي قىلشتىن باشقا ھېچ نەرسىنى قىلالمايدۇ. دائىم ناچار كېلىشىملەرنى تۈزىدۇ. ئىران ۋە باشقا ئاتالمىش سودا كېلىشىملىرى پۈتۈن دۇنيادا مسخىرە قىلىنماقتا»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر