مېركېل خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تۇنجى قېتىم 2005 – يىلى گېرمانىيە باش مىنىستىرى بولغاندىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر خىتايغا جەمئىي 11 قېتىم زىيارەتكە باردى.

مېركېل خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىىسدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش سىگنالى بەردى.

«Deutsche Welle» قانىلىنىڭ تۈركچە خەۋەرىدە، مېركىلنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى، مېركېل بىلەن شىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى شۇنچە كۆپ پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىغا قارىماستىن، ھەمكارلىقنى تەكىتلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مېركېل ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي بازىرىنىڭ گېرمانىيە شىركەتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېچىلىشى، ھەر ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرىنىڭ ھەم گېرمانيە، ھەم خىتايدا تەڭ باراۋەر مۇئامىلە كۆرۈشى ئۈچۈن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. 

مېركېل گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىىسدا 9ئىيۇلدا بېرلىندە ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان ھۆكۈمەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تولىمۇ ئۇزۇن خىزمەت ئىشلەش مەزگىلىنىڭ كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شىمۇ گېرمانىيە بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

مېركېل تۇنجى قېتىم 2005يىلى گېرمانىيە باش مىنىستىرى بولغاندىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر خىتايغا جەمئىي 11 قېتىم زىيارەتكە باردى.

مېركېلنىڭ ئارقىدىن گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك سىتېنمېئېرنىڭمۇ مۇشۇ يىل ئىچىدە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر