فىرانسىيەنىڭ خىتايغا ئىشلىگەن 4 ئاخبارات خادىمى سوتلىنىشقا باشلىدى

فىرانسىيەدە تاشقى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەن 4 خادىمى ئۈستىدىن 30 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش تەلىپى بىلەن سوتلاش باشلاندى.

978870
فىرانسىيەنىڭ خىتايغا ئىشلىگەن 4 ئاخبارات خادىمى سوتلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Le Monde › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇر دېكابىردا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈش جەريانىدا، فىرانسىيە تاشقى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ 4 نەپەر خادىمىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ كىشىلەر ئۈستىدىن 30 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش تەلىپى بىلەن سوتلاش باشلانغان.

گېزىتنىڭ «‹ TMC › تېلېۋىزىيە قانىلى» دا تارقىتىلغان « Quotidien » پىروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋالارنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر كىشىلەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ مۇھىم ئاخباراتلىرىنى توپلاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكى توغرۇلۇق گۇمان تۇغدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن تەكشۈرۈش باشلانغان .»

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ دەۋالارنىڭ راستلىقىنى، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش ۋە دۆلەتكە خىيانەت قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن سوتقا تارتىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. مىنىستىرلىق، بۇ كىشىلەردىن ئىككىسىنىڭ فىرانسىيە تاشقى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ پىنسىيونېر خادىمى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى، بىراق ئۇلارنىڭ قاچان پىنسىيەگە چىققانلىقى ۋە قايسى ئۇسۇلدا  «قوش تەرەپلىك جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى» نى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر