زەرىف: پومپېئونىڭ سۆزلىرىگە مەنتىقىسىز ۋە ئەخمىقانە، دەپ باھا بەردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئونىڭ سۆزلىرىگە «مەنتىقسىز» ۋە «جاۋاب قايتۇرۇشقا ئەرزىمەيدىغان ئەخمىقانە سۆزلەر» دەپ باھا بەردى.

977398
زەرىف: پومپېئونىڭ سۆزلىرىگە مەنتىقىسىز ۋە ئەخمىقانە، دەپ باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئونىڭ سۆزلىرى خىيالنىڭ مەھسۇلى، مەنتىقسىز ۋە جاۋاب بېرىشكە ئەرزىمەيدىغان ئەخمىقانە سۆزلەر ئىدى. ئامېرىكا سىياسىتى پىتنىچى گۇرۇپپىلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا تۇرماقتا» دېدى.

2015 – يىلى تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر (رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە) نىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەيئىتى بولماي تۇرۇپمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن زەرىف، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى يىغىنلاردا كېلىشىمنى ئىجرا قىلماسلىق توغرىسىدا ئىزچىل باھانىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مەسىلە پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چېكىنىشىنىڭ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلاردا ئىجابىي كەيپىيات يارىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇررەمشەھىرنىڭ قۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى ىبلەن ئىران پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلغان ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد باقىرى، دۆلىتىنىڭ مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھېچبىر دۆلەتتىن ئىجازەت ئالمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئىقتىسادىي ۋە پىسخولوگىيەلىك بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، دۈشەنبە كۈنى دۆلىتىنىڭ ئىراندىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە 12 ماددىلىق بىر تىزىملىكنى ئېلان قىلغان، تېھرانغا قارشى «مىسلى كۆرۈلمىگەن مالىيە بېسىمى» قىلىنىدىغانلىقى ۋە «تارىختىكى ئەڭ ئېغىر جازالار» نىڭ يۈرگۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر