ئابباس تارقاق ھالەتتىكى پەلەستىن تەشكىلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچن كومىتېت قۇرۇپ چىقتى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس تارقاق ھالەتتىكى پەلەستىن تەشكىلاتلىرى ۋە گۇرۇپپىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كومىتېت قۇرۇپ چىقتى.

filistinliler gosteri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس تارقاق ھالەتتىكى  تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كومىتېت قۇرۇپ چىقتى.

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى سايىب ئۇرەيقات پەلەستىن دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەھمۇد ئابباسنىڭ تارقاق ۋە بۆلۈنمە ھالەتتىكى تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كومىتېت قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرەيقات پەلەستىن مەملىكەتلىك كېڭىشىدە بېرىلگەن قارارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كومىتېت قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر، پەلەستىن ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى قەتلىئام قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنى خەلقئارا جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن ھاكىمىيىتى دۈشەنبە كۈنى «يەھۇدىي تۇرالغۇ جاي قۇرۇشلىرى مەسىلىسىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش، بىرلەشمە دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن چاقىرىشقا دەۋەت  قىلىش، پەلەستىننى خەلقئارا ئاگېنتلىقلارغا ئەزا قىلىش، پەلەستىن مەملىكەتلىك كېڭىشىدا بېرىلگەن قارارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان كومىتېت قۇرۇپ چىقىش»نى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشى رايوندا سۈركىلىشكە سەۋەب بولدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەردىن 62 ئادەمنى قىرغىن قىلىپ، 2770 ئادەمنى يارىلاندۇرى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر