ئەنۋەر ئىبراھىم ئەركىنلىككە ئېرىشتى

مالايشىيالىق سىياسىي ئۆكتىچى ئەنۋەر ئىبراھىم ئۈچ يىللىق قاماق ھاياتىدىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشتى.

ئەنۋەر ئىبراھىم ئەركىنلىككە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيادا 2015 – يىلىدىن بۇيان قاماقتا يېتىۋاتقان ئۆكتىچى رەھبەر ئەنۋەر ئىبراھىم، خان سارىيى مەھكىمىسىنىڭ كەچۈرۈمنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن قويۇپ بېرىلدى.

مالايشىيا خان سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ خان سارىيى كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەنلىكى ئۇقتۇردى.

ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئەنۋەر ئىبراھىم، پايتەخت كۇئالالۇمپوردىكى داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدىن قوللىغۇچىلىرى ۋە مۇخبىرلارغا قولىنى كۆتۈرۈپ سالام بەرگەن ھالدا ئايرىلىپ، خان سارىيى ئىستانا نېگاراغا كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر