تالىباننىڭ مىڭ كىشىلىك ھۇجۇمى چېكىندۈرۈلگەن

تالىباننىڭ دۈشەنبە (14-ماي) ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان فاراھ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمى چېكىندۈرۈلدى.

تالىباننىڭ مىڭ كىشىلىك ھۇجۇمى چېكىندۈرۈلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاراھ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ناسىر مەھرى: "تالىباننىڭ فاراھ مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمى چېكىندۈرۈلدى" دېدى.

ئۇ ۋىلايەت مەركىزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ساقلاۋاتقانلىقلىرىنى، تالىبانغا قارشى قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتتە ناتو قىسىملىرىنىڭ ھاۋادىن ياردەم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تەخمىنەن 200 گە يېقىن تېررورىستنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 100 دىن ئارتۇق تېررورىستنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تەخمىنەن 1000 تالىبان ئەزاسىنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 30 غا چىققانلىقىنى، بۇلاردىن بەشىنىڭ ئادەتتىكى پۇقرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تالىبان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ھۇجۇمدا 60 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، فاراھنىڭ مەركىزىدىن ھازىرغىچە يىراقلاشمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر