خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە مەسىلىسى توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە غەززە چېگراسىدا 62 پەلەسىتنلىكنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك كۇۋەيتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن  غەززە مەسىلىسى توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىردى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە مەسىلىسى توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىن ھارپىسىدا، نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق ھۆرمەتتە تۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ھېيلى، كېڭەشتە قىلغان سۆزىدە، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىنسانلار سەۋەبىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرى ھەم قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ناھايىتى كۆپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ھېيلى،  ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە چېگراسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن جىددىي يىغىن چاقىرغان خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، ئىراننى ئەيىبلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سىلەردىن سوراپ باقاي، ئارىمىزدىكى كىممۇ بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قوبۇل قىلالايتتى؟ ھېچكىم قوبۇل قىلالمايتتى، بۇ زالدىكى ھېچكىم ئىسرائىلىيەدىنمۇ بەكرەك سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلالمايتتى.»

ئىراننى سۈرىيە، يەمەن ۋە لىۋاننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ھېيلى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نەزىرىنى «رايوندا زوراۋانلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىرانغا ئاغدۇرۇشى» لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىراننى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئاتىغان ھاماسقا ياردەم بېرىش بىلەن تەنقىد قىلغان ھېيلى، ھاماسنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زوراۋانلىقنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھەم قۇرۇلمىسىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھېيلى، قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ياردەمچىسى دىمىترى پوليانىسكى، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇنىڭ موسكۋادا ئۇچرىشىش تەكلىپىنى سۇندى. ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كارېن پىئېركې، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ چېگرالىرىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى، ئەمما دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۈچ ئىشلەتمەسلىكى كېرەكلىلىكىنى قەيت قىلدى. فىرانسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فرانسىس دېلاترې، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ، پۈتكۈل رايوننى قاپلاش كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، ھەمدە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى «شىددەتلىك بوران – چاپقۇن» غا ئوخشىتىپ مۇنداق دېدى: «غەززەدە يەنە بىر قېتىم ۋەقەلەر ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى رادىكال ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىلا كۈچلەندۈرمەكتە.»

بولىۋىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ساچا سېرگىئو لىلورېنتتى سولىز، غەززەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىر – بىرلەپ ئوقۇپ، ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن تېرروتېرىيەلىرىنى ئىشغال قىلىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى، ھەمدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ غەززە چېگراسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ما جاۋشۇ، ئىسرائىلىيەنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. پولشانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جوئاننا ۋرونېككا، غەززەدە 62 پەلەسىتنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈلۈشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى نىكولاي مىلادېنوۋ، غەززە چېگراسىدا 62 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئەيىبلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى غەززەدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىش ھەم رايوندا يېڭى بىر ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن يەنە قانچە پەلەسىتنلىكنىڭ ئۆلۈشى كېرەك؟ ئەگەر سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردا بىر قەتلىئام يۈز بەرگەن، 24 سائەت ئىچىدە نارىسىدە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن بولسا، قانداق قىلاتتىڭلار؟ بۇنداق قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇشنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرۇسىلەر؟»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر