خىتاي تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرىنىڭ بۇ رايوندىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا نىسبەتەن «كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش» خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى باياناتچىسى ئەن فېڭشەن نورمال مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا،  خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارال ئەتراپىدىكى ھەربىي مانېۋىرى ئارقىلىق بەرگەن سىگنالىنىڭ ناھايىتى روشەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارى كۈچلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ پائاللىقىغا قارىتا كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر مانېۋىرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى ئەن فېڭشەن، ئارالدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ ھېچقانداق چىقىش يولى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، ئارالدا كۆرۈلگۈسى ھەرقانداق بىر مۇستەقىللىق تەرەپدارى ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىرادە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر