شىمالىي كورېيەدىكى ۋەقەدە 32 خىتاي پۇقراسى ئۆلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتناش ۋەقەسىدە 32 خىتاي ساياھەتچى ۋە 4 شىمالىي كورېيە پۇقراسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيەدىكى ۋەقەدە 32 خىتاي پۇقراسى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى 36 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىدا بىر ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

ۋەقە شىمالىي كورېيەنىڭ خۋاڭخەي رايونىدا يۈز بەردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ قاتناش ۋەقەسىدە 32 خىتاي ساياھەتچى ۋە 4 شىمالىي كورېيە پۇقراسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىلدى.

يارىدارلار دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى.

ئاقشام يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى تەكشۈرۈلمەكتە. يامغۇر سەۋەبىدىن يولنىڭ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر