ترامپ: زۆرۈر تېپىلسا سۆھبەت ئۈستىلىدىن تۇرۇپ كېتىمەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭ ئۇن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى ئۈنۈملۈك بولمىغان تەقدىردە، سۆھبەت ئۈستىلىدىن قوپۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ: زۆرۈر تېپىلسا سۆھبەت ئۈستىلىدىن تۇرۇپ كېتىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيە توغرىسىدا توختىلىپ، پيوڭياڭ دائىرىلىرىنى يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن بېسىم سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېسىم بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ، ئالدىمىزدىكى ئاي شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىش توغرىسىدا بولسا، «سۆھبەتلەر ئۈنۈملۈك بولمىسا، ئۈستەلدىن تۇرۇپ كېتىمەن» دېدى.

ئۇ، «يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشقان تەقدىردە، شىمالىي كورېيەنىڭ يولى پارلاق بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر