رۇسىيە ھەربىي سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى

رۇسىيە قازاقىستاندىكى بايقونۇر ئالەم بازىسىدىن ھەربىي سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى.

رۇسىيە ھەربىي سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قازاقىستاندىكى بايقونۇر ئالەم بازىسىدىن سۇئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ھەربىي سۇنئىي ھەمراھنىڭ موسكۋا ۋاقتى 01:12 دە «پروتون-م» (Proton-M) راكېتاسى بىلەن قازاقىستاندىكى بايقونۇر ئالەم بازىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۇنئىي ھەمراھنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، رۇسىيە ھاۋا ئالەم قىسمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئالېكساندىر گولوۋكونىڭ راكېتانىڭ بايقونۇردىن قويۇپ بېرىلىشىگە قوماندانلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر