تۈركىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىشى، چەت ئەل مېدىيالىرىنى قىزىتىۋەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام ۋاقىتىنى 24 – ئىيۇن دەپ ئېلان قىلىشى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.

تۈركىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىشى، چەت ئەل مېدىيالىرىنى قىزىتىۋەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئەردوغانىڭ سايلام ئېلانىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن چاقماق خەۋەر شەكلىدە تارقاتتى. 

ئەنگلىيەنىڭ «Reuters» خەۋەر ئاگېنتلىقى، «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ سايلامغا بىرلىكتە كىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سايلاملارنىڭ 2018يىلى 24 - ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقنى جاكارلىدى» دەپ خەۋەر قىلدى.

مەركىزى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق «CNN» مېدىيا ئورگىنىنىڭ تور بېتىدە چاقماق خەۋەر شەكلىدە، «ئەردوغان پارلامېنت ۋە جۇمھۇر رەئىسلىكى سايلاملىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن 1 يىل ئىلگىرى ئۆتكۈزىدىغان بولدى» دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. 

ئەنگلىيەنىڭ «The Guardian» گېزىتى، ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلام ۋاقتىنى بىر يىل ئىلگىرى 24ئىيۇندا ئۆتكۈزدىغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا ئۆتۈش باسقۇچىنى تېزدىن تاماملاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.

ئەنگلىيەنىڭ «BBC» ئاخبارات ئورگىنىنىڭ تۈركچە بۆلۈمى ئەنقەرەدىن نەق مەيداندىن تارقاتقان خەۋىرىدە «2018؛ مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام. تۈركىيە 24ئىيۇندا ساندۇق بېشىغا بارىدۇ» دېگەن سەرلەۋھە ئىشلەتتى.

گېرمانىيەنىڭ «DPA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بەلكىم 24ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلسە كېرەك» دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ZDF» تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ ئەردوغاننىڭ سايلام ئېلانىنى چاقماق خەۋەر شەكلىدە تارقاتتى. ئەردوغاننىڭ سايلام ۋاقتىنى 24ئىيۇنغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەسلىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتنىڭ 2019يىلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر