ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابېنىڭ ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كويزۇمى باش ۋەزىر شىنزۇ ئابېنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابېنىڭ ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى جۇنىچىرو كويزۇمى ھازىرقى باش ۋەزىر شىنزۇ ئابېنىڭ بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيەدىكى مەلۇم بىر ژۇرنالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كويزۇمى باش ۋەزىر  شىنزۇ ئابېنىڭ بەزى «سەتچىلىكلەر»گە ئارىلىشىپ قالغانلىقى، شۇڭا پارتىيەسىنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ يىل (2018)  ئىيۇندا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيەدە دۆلەتكە تەۋە بىر  پارچە يەرنىڭ باش ۋەزىر  شىنزۇ ئابېنىڭ رەپىقىسى ئاكې ئابېنىڭمۇ مۇناسىۋىتى بولغان بىر خۇسۇسىي مەكتەپكە تۆۋەن باھاغا سېتىلىشى قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

ياپونىيە مالىيە مىنىستىرلىقى باش ۋەزىر شىنزۇ ئابېنىڭ رەپىقىسى ئاكې ئابې ئاشقۇن مىللەتچىلىك مائارىپ سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان مەلۇم بىر خۇسۇسىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى مورىتومو گاكۇئەن تەرىپىدىن سېلىنىدىغان مەكتەپ ئۈچۈن، دۆلەتكە تەۋە زېمىننى سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-پىرىنسپلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تەن ئالدى.

بۇنىڭغا قارىتا، بىر قىسىم كىشىلەر ئابېنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ پارلامېنتقا يېقىن جايدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

«ئابې تۈگىدى، ئابې ئىستېپا بەرسۇن»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلانغان نامايىشقا تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەم  قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر