خىتاي ياپونىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا قارشى ياپونىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

خىتاي ياپونىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ «مۇداپىئەلىنىش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي»سىياسەتلىرىگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتىكى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈمىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ۋاي يى، ياپونىيەدىن ئەركىن ئىقتىساد تۈزۈمىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا سودا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ قارىلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتتىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىنلارغا قوشۇمچە %25 تاموژنا بېجى يولغا قويۇشى بىلەن رەسمىي باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ سىياسىتىگە جاۋاب سۈپىتىدە، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 128 خىل مەھسۇلاتقا %15تىن %25كىچە باج قويۇشنى قارار قىلدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرى بىلەن ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى»ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 1300 خىل مەھسۇلاتقا %25 قوشۇمچە باج قويۇشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ مۇداپىئە، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان تىزىملىككە يادرو رىئاكتورلىرى، ئۇران، پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن، گاز تۇربىنى، ھاۋا ۋە گاز قويۇقلاندۇرىدىغان ئۈسكۈنىلەر، ئېچىتقۇ، بىر قىسىم دورا ۋە ۋاكسىنا قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلات كىرگۈزۈلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا دەرھال جاۋاب قايتۇردى.

خىتاي سودا مىنسىتىرلىقى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 50 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلارغا %25 تاموژنا بېجى قويۇشنى قارار قىلدى.

خىتاينىڭ ئىنتىقام خاراكتېرلىك بۇ تىزىملىكىگە ۋىسكى، تاماكا، كالا گوشى، پىلاستىك، بۇغداي، ئېلېكتىر سايمانلىرى، خىمىيەلىك ماددىلار، ئاپتوموبىل، پۇرچاق قاتارلىق 106 خىل مەھسۇلات كىرگۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر