فىرانسىيەدىكى نامايىشلار توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى

فىرانسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى.

فىرانسىيەدىكى نامايىشلار توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى.

51 نامايىشچىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان ساقچىلار بىر قىسىم نامايىشچىنى سوراق قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن بولسا، 17 نامايىشچىنى قاماقخانىدا تۇتۇپ قالدى.

نامايىشچىلار بانكىلارغا، ئۆي-زېمىن شىركەتلىرىگە، سۇغۇرتا شىركەتلىرى بىلەن تېلېفون ماگزىنلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار نامايىشچىلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيەدە نۆۋەتتە نۇرغۇن مۇلازىمەت ئورنىدا ئىش تاشلاش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي قاتلاملارمۇ ھەر خىل تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.

ئون مىڭلارچە ئادەم تەلەپلىرىنى ھۆكۈمەت دائىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

پارىژ ئايرودۇرۇمىغا تەۋە جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان مۇھىتپەرۋەرلەرنى قوللاش ئۈچۈن نانتېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى.

ساقچىلار نامايىشچىلارغا بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر