ئامېرىكا سۈرىيەگە يەنە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرۇلۇق سىگنال بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى قايتا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن تەقدىردە، يەنە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرۇلۇق سىگنال بەردى.

ئامېرىكا سۈرىيەگە يەنە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرۇلۇق سىگنال بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «سۈرىيە» تېمىلىق جىددىي يىغىنىدا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سىگنالىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر  بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى قايتا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتسە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەنە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس بولسا، تەرەپلەرنى سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتمەسلىككە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر