خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ «سۈرىيە» تەكلىپىنى رەت قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ سۈرىيەگە قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش تەكىلىپىنى رەت قىلدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ «سۈرىيە» تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جىددىي يىغىن چاقىردى. يىغىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ سۈرىيەدە بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش تەكىلىپىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلى يىغىندا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىنتىقام ئېلىش، جازالاندۇرۇش ياكى ھەيۋە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە، بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىيلىك قىلىشتا ئىشلەتكەن خىمىيەلىك قوراللىرىنى قايتا ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.  دىپلوماتىيەگە قانچىلىغان قېتىم پۇرسەت بەرگەن بولساقمۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى، بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن، بىزنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇر قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر