سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسپانىيەدىن ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋالىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسپانىيەدىن ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسپانىيەدىن ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئىسپانىيە زىيارىتىدە، 5 ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋېلىش نىشان قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.

ئىسپانىيەدە ئالدى بىلەن پادىشاھ فېلىپې تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مۇھەممەد بىن سەلمان، كېيىنچە ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە ئىسپانىيە باش ۋەزىرى مارىئانو راجوي، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مارىئا دولورېس كوسپېدال بىلەن كۆرۈشتى.

ئىسپانىيە باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئىسپانىيە زىيارىتىدە، دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە كېلىشىم لايىھەسىدىن سىرت يەنە، ھاۋا تىرانسپورتى، مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالانغان.

«‹ EFE › خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەيئەتلەر ئارا يىغىنغا، سەئۇدى ئەرەبىستانغا 2 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە 5 دانە « Avante 2200 » تىپلىق ئۇرۇش پاراخوتى سېتىش، بۇ دۆلەتتە بىر دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى قۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقان ناۋانتىئا گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ئېستېبان گاركىئا ۋىلاسانچېزمۇ ئىشتىراك قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ياساش ئىشلىرى جادىز شەھىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېلىشىم، ئىسپانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيەسى خادىملىرىنى تەربىيەلەپ بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسپانىيە شىركەتلىرى مۇھەممەد بىن سەلمان ئېلان قىلغان «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2030 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك پىلانى» غا ئالاقىدار لايىھەلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، مادرىدتىن يەمەنگە قارشى ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا سېتىپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ئىسپانىيەدىن بۇرۇن فىرانسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە مىسىردا زىيارەتلەردە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر