ئامېرىكا فىرانسىيەنىڭ دائېشچى پۇقراسىنى «تېررورچىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىمىيەلىك قوراللار مۇتەخەسسىسى ۋە فىرانسىيە پۇقراسى جو ئاسپېرماننى «تېررورچىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

936172
ئامېرىكا فىرانسىيەنىڭ دائېشچى پۇقراسىنى «تېررورچىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئاسپېرماننىڭ «تېررورچىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «فىرانسىيە پۇقراسى جو ئاسپېرمان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىمىيەلىك قوراللار مۇتەخەسسىسلىرىدىن بىرى بولۇپ، سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىپ، بۇنى دائېش ئۇرۇش قىلىۋاتقان رايونلاردا ئىشلىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.»

مىنىستىرلىق يەنە، سۈرىيەدە «ئەننۇسرە ھەرىكىتى» بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۆزبېكلەردىن تەشكىل تاپقان «كاتىبات ئەلئىمام ئەلبۇخارى» ئىسىملىك بىر گۇرۇپپىنىڭمۇ  تېررورچىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر