سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا شەھىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەگە تەۋە بىر ئايروپىلان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA»نىڭ بىرلەشمە ئارمىيە باياماتچىسى پولكوۋنىك تۇركى ئەل مالكىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، بىرلەشمە ئارمىيەگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سادا ئايرودۇرۇمىدىن ئېتىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكى، بىراق ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمدىن ساق سالامەت قۇتۇلۇپ، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، ئايروپىلانغا ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ يەمەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى ئارىسىدا بولمىغان بومبا ئىكەنلىكى، بۇ ۋەقەنىڭ ئىراننىڭ ھۇسىيلار بىلەن بولغان قورال ئەتكەسچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.

خەۋەردە يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قورال ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان گۇرۇپپىلارنىڭ قولىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋادىن مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئايروپىلان ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە بىۋاستە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ھۇسىيلارغا تەۋە ئەل مەسىرا تېلېۋزىيەسىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرلەشكە قىسىملارغا تەۋە «F-15» تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سادا ئايرودۇرۇمىدا ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلگەنلىكى جاكارلانغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر