ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق سارايدا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشكەندە، ۋاشىنگتون رىيادقا سېتىپ بەرگەن  12.5 مىليارد دوللارلىق قورال – ياراغ كېلىشىمىنى كارتون پانورامادا كۆرسەتتى.

ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا، ئاساسلىقى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قورال - ياراغ ۋە سېلىنما كېلىشىملىرى بىلەن ئىران مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئىشخانىسىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئامېرىكا – سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئوتتۇرا شەرق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ترامپ، ئالدىنقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما دەۋرىدە ئامېرىكا – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئوباما دەۋرىدە مۇناسىۋەتلىرىمىز ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە يىرىكلىشىپ كەتكەن ئىدى. نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىرىز خۇشاللىنارلىق دەرىجىدە مۇستەھكەملەندى ھەمدە بارغانسېرى راۋاجلىنىۋاتىدۇ.»

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يېقىنقى مەزگىلدە مىلياردلارچە دوللارلىق قورال - ياراغ سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ، ۋاشىنگتون رىيادقا سېتىپ بەرگەن  12.5 مىليارد دوللارلىق قورال – ياراغ كېلىشىمىنى كارتون پانورامادا كۆرسەتتى.

قورال - ياراغ ئىشلەپچىقىرىش سايىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قوشۇمچە 40 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شارائىتى يارىتىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستان زاكاز قىلغان 13 مىليارد قىممىتىدىكى ئاخىرقى بۆلەك يۇقىرى بوشلۇق رايونىدا مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى، 3.8 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى « C-130 » تىپلىق تاكتىكىلىق ترانسپورت ئايروپىلانى، 1.2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تانكا ۋە 1.4 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى « P-8 Poseidon » تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، قورال – ياراغلارنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ترامپ: «تېررورىزمنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرى مەسىلىسىدە پوزىتسىيەمىز قەتئىي بولۇپ، بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستان ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە» دېدى.

ترامپ مۇخبىرلارنىڭ ئىران مەسىلىسىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تېھراننىڭ بەزى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق رايونغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئىراننىڭ كونتىرول قىلىنىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىران مەسىلىسىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەن مۇھەممەد بىن سەلمان بولسا، بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسىلىي سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ترامپ ئاخىرىدا دائېشقا قارشى كۈرەش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بىز ئىلگىرى دائېش كونتىرول قىلغان رايونلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قولغا كەلتۈردۇق. ئىلگىرى ھېچكىمدىن بۇنداق مەلۇماتنى ئاڭلاپ باقمىغان بولساڭلار كېرەك. ناھايىتى تېز ھەرىكەت قىلدۇق. نۆۋەتتە رايوندىكى بۇ  كۈرەش ئاخىرقى نۇقتىغا كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇزۇندىن بۇيان چېكىنىشنى ئويلىشىۋاتقان بەزى رايونلاردىنمۇ چېكىنىپ چىقىشىمىز مۇمكىن. ئەمدى باشقا دۆلەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ كۈچ – قابىلىيەتلىرىگە يارىشا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر