گوللاندىيەدە ئىسلامغا ھاقارەت قىلغانلار سوتلانمايدۇ

گوللاندىيەدە جامە سېلىنىشى پىلانلانغان جايغا كرېست سانجىپ قويغان ئىسلام ۋە كۆچمەن دۈشمىنى پېگىدا ئەزالىرى سوتلانمايدىغان بولدى.

934115
گوللاندىيەدە ئىسلامغا ھاقارەت قىلغانلار سوتلانمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ ئېنسچېدې شەھىرىدە جامە سېلىنىشى پىلانلانغان جايغا 23 كرېست سانجىپ قويغان ئىسلام ۋە كۆچمەن دۈشمىنى پېگىدا ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى سوتلانمايدۇ.

ئېنسچېدې تەپتىش ئىدارىسى پېگىدا ئەزالىرىنىڭ «ئىسلام ۋە كۆچمەنلەر توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرىنىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ، لېكىن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە مەلۇم بىر توپلۇق ياكى جامائەتكە ھاقارەت قىلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ يوقلىقىنى»بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى سوتلاشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

ئېنسچېدې شەھىرىدە بىر ھەپتە ئىلگىرى ئىسلام ۋە كۆچمەن دۈشمىنى پېگىدا ھەرىكىتى ئەزالىرى جامە سېلىنىشى پىلانلانغان جايغا 23 كرېست سانجىپ بۇ جاينى مازارلىققا ئوخشىتىپ قويغانىدى.

پېگىدا ئەزالىرى يەنە تۆت ئاي ئىلگىرىمۇ جامە سېلىنىشى پىلانلانغان بۇ جايغا چېركاۋغا ئوخشاش چېدىر تىكىپ ئالدىغا تاختايدىن كرېست تىكلەپ ئۈستىگە چوشقا قېنى سۈركەپ قويۇشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر