رۇسىيەمۇ ئەنگلىيەنىڭ 23 دېپلوماتىيە خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغان بولدى

رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ 23 نەپەر دېپلوماتىيە خادىمىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە دۆلەتتىن چېقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

رۇسىيەمۇ ئەنگلىيەنىڭ 23 دېپلوماتىيە خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنگلىيەنىڭ سابىق رۇسىيە جاسۇسى سېرگېي سىكرىپال ۋە قىزى يۇلىيانىڭ زەھەرلىنىشىگە ئالاقىدار رۇسىيەگە قارىتا كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىك ئەيبىلەشلەردە بولغانلىقى تۈپەيلىدىن 23 ئىنگلىز دېپلوماتنىڭ رۇسىيەدە «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەملەر» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيە دېپلوماتلىرىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى ھەمدە سىت پېتېرسبۇرگدا ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلىشىغا بېرىلگەن رۇخسەتنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى. 

باياناتتا موسكۋانىڭ ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ تەقەزاسى سۈپىتىدە، ئەنگلىيەگە قارىتا باشقا قوشۇمچە قەدەملەرنى تاشلاش ھوقۇقىنىڭمۇ بارلىقى تەكىتلەندى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى سابىق رۇسىيە جاسۇسى سىكرىپالنىڭ زەھەرلىنىشىگە نارازىلىق سۈپىتىدە رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالغانلىقىنى ۋە بۇ دائىرىدە رۇسىيەنىڭ 23 نەپەر دېپلوماتىيە خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇشىغا دائىر تەكلىپنامىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى بىلەن بىرگە يەنە، رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقۇسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىغىمۇ ئەنگلىيە دۆلەت ئەربابلىرى ۋە شاھ جەمەتى ئەزالىرىنىڭ قاتناشمايدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر