كابۇل ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

كابۇل ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نەجىب دانىش ھۇجۇمدا يەنە، 4 پۇقرانىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاھىتلار ھۇجۇمنىڭ ئەسلى نىشانىنىڭ رايوندىكى چەت ئەللىكلەرگە تەۋە بىر ئىشخانا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.


خەتكۈچ: ھۇجۇم , بومبا , كابۇل

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر