ياۋروپا پارلامېنتى: ھېچكىمنىڭ مەسۇم ئىنسانلارنى قەتل قىلىش ھوقۇقى يوق

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئانتونىئو تاجانى ھېچكىمنىڭ مەسۇم ئىنسانلارنى قەتل قىلىش ھوقۇقى يولۇقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا پارلامېنتى: ھېچكىمنىڭ مەسۇم ئىنسانلارنى قەتل قىلىش ھوقۇقى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجانى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ قامىلى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى ھەمدە ھېچكىمنىڭ مەسۇم ئىنسانلارنى قەتل قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي غۇتە قامىلىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولۇشتىن سىرت يەنە، مىڭلارچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى قەيت قىلغان تاجانى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدە ئىنسانلىق ۋەيران بولۇۋاتىدۇ، كېلىڭلار، بىزمۇ ئىنسانلىقىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتەيلى. مەسۇم ئىنسانلارنىڭ قەتل قىلىنىشىنى ھېچقانداق بىر سەۋەب قانۇنلۇققا چىقىرالمايدۇ.»

سۈرىيە كىرىزىسىگە «جەنۋە مۇساپىسى» دائىرىسىدە سىياسىي چارە تېپىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن تاجانى، سۈرىيەدىكى يارىدارلارنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر