ترامپنىڭ مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ 20 – مارتتا ئاقسارايدا كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ترامپنىڭ مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ترامپنىڭ شاھزادە سەلمان بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا رەسمىي بايانات بېرىپ، «سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان، 20 – مارتتا پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشىدۇ» دېدى.

يېقىندىن بېرى ئامېرىكا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، زىيارەتنىڭ ۋاقتى مۇئەييەنلەشمىگەنىدى.

تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي، خانىش ئىككىنچى ئېلېزابېت، ئەنگلىيە تەخت ۋارىسى شاھزادىسى چارلېس ۋە شاھزادە ۋىليام قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر